باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋارايى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شۇ ئەتراپتىكى 260مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسەتتى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ئېغىر تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋارايىغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى

2016.10.20 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 19- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، 17- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، پايدىسىز ھاۋارايى شارائىتىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شۇ ئەتراپتىكى 260مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى رايونلاردىكى قىسمەن شەھەرلەردە ئېغىر دەرىجىدىن يۇقىرى بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  17- ئۆكتەبىردىن 18- ئۆكتەبىرگىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە شۇ ئەتراپتىكى 70 رايون ۋە يۇقىرىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە دېجۇ شەھىرى، باۋدىڭ شەھىرى، شىجياجۇاڭ شەھىرى، بىنجۇ شەھىرى ۋە خېڭشۈي شەھىرى قاتارلىق بەش شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى. 19-ئۆكتەبىر سائەت 12 گىچە، شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى، بېيجىڭ شەھىرى، باۋدىڭ شەھىرى، تەييۈەن شەھىرى، ۋۇخەي شەھىرى قاتارلىق توققۇز شەھەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىپ، ئېغىر تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋارايىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى 260مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، بۇ رايوندىكى قىسمەن شەھەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى يەنىلا داۋاملىق ئېغىرلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقىنى شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە سانائەت كۆمۈر يېقىلغۇسى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە ئازوت ئوكسىدلىرى قاتارلىقلارنىڭ 2-قېتىم ئايلىنىشىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ تيەنجىن، لاڭفاڭ سانائەت كۆمۈر يېقىلغۇسىنىڭ تەسىرىدىن خېلى ئېغىر بۇلغاندى؛ بېيجىڭ، شىجياجۇاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يىرىك دانچىلىرىنىڭ قويۇقلۇقىمۇ خېلى يۇقىرى بولۇپ، بۇ، چاڭ-توزان پەيدا قىلىدىغان 1-قېتىم چىقىرىلىدىغان دانچە ماددىلىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر