باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ۋە شەنشىدە ئىككى قېتىم زور كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 31 كىشى قازا قىلدى، 65 كىشىنى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىلدى

2016.10.20 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا نازارەتچىلىك قىلىش باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلار ئىش بېجىرىش يىغىنىدا، سەنشى ۋە شەنشى ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئايرىم- ئايرىم يوللىغان شەنشى ئۆلكىسى داتۇڭ كۆمۈر كان گۇرۇھى توڭشېڭ ئەنپىڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «3.23» تورۇس تاختىسى كەڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كېتىپ گاز پارتلاش ۋەقەسى ۋە شەنشى ئۆلكىسى توڭچۇەن شەھىرى ياۋجۇ رايونى جاۋجىن كانچىلىق چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «4.25» چوڭ سۇ ئاپىتى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەكشۈردى ۋە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2016- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 22دىن 7مىنۇت ئۆتكەندە، شەنشى ئۆلكىسى داتۇڭ كۆمۈر كان گۇرۇھى توڭشېڭ ئەنپىڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن تورۇس تاختىسى كەڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كېتىپ زور گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەم قازا قىلغان، بىر ئادەم يارىلانغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 280 مىليون 437 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر