باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى % 97ى جۇڭيى دورىسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ

2016.10.20 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلام جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى «12- بەش يىللىق» پىلان خۇلاسىسى ۋە « 13- بەش يىللىق» پىلان ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «12- بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلام جۇڭگو تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنىڭ ئۆتۈشچانلىقى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جۇڭگو تېبابەتچىلىكى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت شارائىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش، جۇڭگو تېبابىتى دورىسىنى ئىشلىتىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.

  2015- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە %96.93 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، %92.97 يېزا-بازار شىپاخانىلىرى، %80.97 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، %60.28 كەنت شىپاخانىلىرى جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، 2012-يىلىدىن ئايرىم-ئايرىم %21.33، %26.47، %2.78 ئېشىپ، « 12- بەش يىللىق» پىلاننىڭ نىشان ۋەزىپىسى ئاساسى جەھەتتىن تاماملانغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ۋە سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئوخشاش تۈردىكى ئاپپاراتنىڭ ئومۇمىي داۋالاش مىقدارىدىكى ئىگىلەش نىسبىتى %24.22كە يەتكەن بولۇپ، 2012- يىلىدىكىدىن %20.56 ئېشىپ، ئومۇمىي داۋالاش مىقدارىنىڭ ئۆسۈش كۆلىمىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر