خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئۆكتەبىر، داليەن تاموژنىسىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا، داليەن تاموژنىسى، چىڭداۋ تاموژنىسى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسى دېڭىز ساقچىلىرى باش ئەترىتى يېقىندا بىرلىكتە ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر پەۋقۇلئاددە زور تەييار ماي ئەتكەسچىلىك جىنايەتچىلەر شايكىسىنى يوقاتقان، دېلوغا چېتىشلىق 29 كىشىنى قولغا ئالغان، نەق مەيداندا 2000 تونناژلىق ماي پاراخوتىدىن بىرنى، دېلوغا چېتىشلىق ماي توشۇيدىغان ئاپتوموبىلدىن 20 نەچچىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، دەسلەپكى باھالاشتا دېلودىكى ئەتكەسچىلىك قىلىنغان ماينىڭ قىممىتى 60 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن. بۇ دېلو يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان لياۋنىڭ دېڭىز رايونىدا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ئوچۇق دېڭىزدا تەييار ماي ئەتكەسچىلىكى قىلغان، دېلودىكى ئەتكەسچىلىك قىلىنغان بويۇم قىممىتى، چېتىشلىق باج سوممىسى ئەڭ چوڭ ۋە يەككە پاراخوتتا تەييار ماينى ئەڭ كۆپ ئەتكەسچىلىك قىلغان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو ھېسابلىنىدۇ.
سۈرەتتە: ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتى نەق مەيدانى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى