باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مېسسى «قالپاق ئويۇنى» ئوينىدى

بارسېلونا تۆت توپ كىرگۈزۈپ مانچېستىرنى يەڭدى

2016.10.21 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، مېسسىنىڭ «قالپاق ئويۇنى» ۋە نېيمارنىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن، بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ كۈچلۈك كۇلۇبى مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىنى يەڭدى.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تارىختىن بۇيانقى تۆت قېتىملىق ئېلىشىشىدا، بارسېلونا ھەر قېتىم غەلبە قىلىپ كەلگەن. بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بولسا، مېسسى يارىلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن قاتناشقان ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىرگۈزگەن ئۈچ توپى بىلەن، مېسسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدا «قالپاق ئويۇنى» ئويناش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر بولۇپ قالدى، ھەمدە كىرگۈزگەن 53 توپى بىلەن، خانلىق مادرىدتىكى رائۇل ساقلاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى تارىخىدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىغا تەڭلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر