خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئۆكتەبىر، دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئۆزبىكىستان كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، ئارقىدىنلا باش ترېنېر گاۋ خوڭبو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئىلگىرى خېڭدا كۇلۇبىنى يېتەكلەپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار مۇسابىقىلىرىدە مەزكۇر كۇلۇبنى ئۈچ قېتىم چېمپىيون قىلغان ۋە ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئۇ كۇلۇبنى يەنە تۇنجى قېتىم چېمپىيون قىلغان لىپپى نۆۋەتتە دۆلەت كوماندىسى باش ترېنېرلىقىنىڭ ئەڭ ئاۋات نامزاتى بولۇپ قالدى. سۈرەتتە: 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، شۇ چاغدا گۇاڭجۇ ىېڭدا كۇلۇبىنىڭ باش ترېنېرلىقىنى ئۆتەۋاتقان لىپپى (ئالدى ئوتتۇرىدا) ۋە كوماندا باشلىقى جېڭ جى بىرلىكتە ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى