باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك ئۇزۇن سەپەر» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كېچىلىكنى كۆردى

2016.10.20 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك ئۇزۇن سەپەر» 19- ئۆكتەبىر كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 3000دىن كۆپرەك پايتەخت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە كېچىلىكنى كۆرۈپ، ئاشۇ شانلىق يىللارنى بىرلىكتە ئەسلىدى.

  خەلق سارىيىنىڭ 10مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغ نۇرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، ئىككىنچى قەۋەتكە «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ماڭايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. سەھنىدە، شەپەق نۇرى تۇتاش كەتكەن تاغلارنى يورۇتۇپ تۇراتتى. قىزىل ئارمىيەنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كوللېكتىپ ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق يارىتىلغان بولۇپ، سېرىق رەڭلىك «مەڭگۈلۈك ئۇزۇن سەپەر» دېگەن خەتلەر نۇرلىنىپ تۇراتتى. سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، قىزىل بەش يۇلتۇز مۇستەھكەم شەھەر سېپىلىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئۇلۇغ ئىنقىلابنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان «1936 - 2016» دېگەن سانلار غەلىبە خاتىرە يىلىغا بەلگە قىلىنغانىدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر