باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2–نۆۋەتلىك ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك

2016.10.20 15:38   مەنبە: خەلق تورى

ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى،بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرىدۇر. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تۈزۈلمە-مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېھتىياج، تەمىنلەش جەھەتتىن ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىپ، تەشكىللەپ باشقۇرۇش، خىزمەتنى يۈرۈشتۈرۈش، سىياسەت، تۈزۈم جەھەتتە سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ئەمەلىي قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىكى باشلامچى قۇرۇلۇش، سەرخىل قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭىچە تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئەتىگەن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرونېۋىك قىسىمى قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قورال-ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى، كۆرگەزمە «ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى»نى باش تېما قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رايونى، رىقابەت ھاياتىي كۈچى رايونى، ئاساس كاپالەت رايونى، ئۇچۇر ئېلان قىلىش رايونى، چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي جابدۇقلار كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت بەش كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈندى، كۆرگەزمىدە يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق كۆرگەزمە قىلىندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش…
    ·ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار …
    ·2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى …
    ·ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بو…
    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…