باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تۆت تەرەپتىن كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى

2016.10.19 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى كونا، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر تېز ئالمىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل بېسىمنىڭ تەڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسى يەنىلا بەزى خىرىس ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىدە تۆت چوڭ يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىش بولدى: 1. ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى بارلىققا كەلدى؛ 2. ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ 3. يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ 4. سىياسەت-تەدبىر سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر