باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامرات رايونلارنىڭ سۇ ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىپ، بايلىقتىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» ئېلان قىلدى

2016.10.19 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامرات رايونلارنىڭ سۇ ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىپ، بايلىقتىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2019- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى ناھىيە ۋە دۆلەت يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردە بىر تۈركۈم سۇ ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تۈرىنى تاللاپ، بايلىقتىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەركەز، نامرات ئاھالىلەرنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ سۇ ئېلېكتىر، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئاچقاندا، يېزا كوللېكتىپ يېرىنى ئىگىلىگەنلىكىگە تۆلەم بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرى بولۇپمۇ كارتا-ئارخىپ تۇرغۇزغان نامرات ئاھالىلەرگە دەل نەپ يەتكۈزىدىغان بايلىقتىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتىپ ئىشلەتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان مەشغۇلات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىق ئېچىش بىلەن نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئورگانىك بىرلەشكەن يېڭى يول ئېچىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ بايلىق ئېچىش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر