- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قەشقەردىن غۇلجا، قارامايغا بىۋاستە بارىدىغان پويىز تۇنجى قېتىم قاتنايدۇ
2016.10.21 15:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
20-ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈر يولى يىل ئىچىدە 8-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنى ئەمەلگە ئاشۇردىكەن. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، قەشقەر-ئۈرۈمچى ئارا قاتنايدىغان ئىككى جۈپ پويىزنىڭ يول يۈرۈش بۆلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا غۇلجا ۋە قارامايغا ئۇزارتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ــ قەشقەر ئارا قاتنايدىغان K9786/7،K9788/5 قېتىملىق پويىز قاراماي-قەشقەر ئارا قاتنايدىغان قىلىپ تەڭشىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، لەنجۇ-شىنجاڭ، كۈيتۈن-بېيتۈن لىنىيەلىرىدىن ئۆتۈپ، 1849 كىلومېتىرلىق پۈتۈن مۇساپىنى تاماملايدىكەن، بۇ لىنىيەدە قوش قەۋەتلىك ھاۋا تەڭشىگۈچى سەپلەنگەن پويىز قاتنايدىكەن. ئەسلىدىكى قەشقەر-ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ئارا قاتنايدىغان T9518/5 T9516/7 قېتىملىق پويىز قەشقەر-غولجا ئارا قاتنايدىغان قىلىپ تەڭشىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، لەنجۇ-شىنجاڭ، جىڭ-قورغاس لىنىيەلىرىدىن ئۆتۈپ، 2079 كىلومېتىرلىق پۈتۈن مۇساپىنى تاماملايدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر