باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئايال خىزمەتچىلەر ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك مەزگىلىدە كارخانىلارغا دەم ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ

2016.10.21 15:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 18-ئۆكتەبىر چاقىرىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»(تۆۋەندە قىسقارلىپ «پىكىر» دەپ ئېلىنىدۇ)نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك مەزگىلىدە كارخانىغا دەم ئېلىش ئىلتىماسى سۇنۇش ھوقۇقى بار ئىكەن.

  « پىكىر» سەككىز بۆلەك، 31 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش، ھېيت-بايرامدىكى قانۇنلۇق دەم ئېلىش ۋە ئاياللارنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك مەزگىلىدىكى دەم ئېلىش قاتارلىقلار قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلىدىكەن.كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلغاندا، چوقۇم خىزمەتچى بىلەن كېڭىشىپ بەلگىلىمە بويىچە ھەق بېرىشى كېرەككەن.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ نورمال ئۆسۈش مېخانىزىمى تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا مائاشنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، خەتەرلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىش ۋاقتىدا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئايال خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە قوغداش تەلەپ قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر