باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 108 ۋەكىلنى سايلاپ چىقتى

2016.10.21 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 108 ۋەكىلنى سايلاپ چىقتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن 108 ۋەكىل ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، 1 – سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى، مۇئەييەن ساندىكى ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كەسپىي تېخنىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى بار بولۇپ، ئۇلار سىياسىي جەھەتتە ئىلغار ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى پۇرسەت بىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ – ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ پېڭ جيارۈي قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر