باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە دائىر تۈرلۈك خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.10.21 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىشى −− يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تىنچ جۇڭگو قۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر يېشىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، نىشان - ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنىڭ تۈپ مىزانى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە تارماقلار، بولۇپمۇ سىياسىي - قانۇن ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، شۇجى مېڭ جيەنجۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، تۈزۈم، مېخانىزم، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش، كەسپىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرىكىش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش تەلىپى بويىچە، ھەرخىل بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن ھەمتۈرتكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارا قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى بويىچە ئانالىز قىلىشنى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر قانۇن - نىزاملارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشنى قانۇن بويىچە قىلىش، ئىشقا يولۇققاندا قانۇنغا تايىنىش، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيە - تەپەككۇر، تۈزۈلمە - مېخانىزم، ئۇسۇل - ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ھازىرقى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، راۋان ۋە تەرتىپلىك بولغان تەلەپنى ئىپادىلەش، زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئامما رايىنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەش، زىددىيەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەقىقىي ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم قارالما كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش، خىزمەتلەردە ھەمتۈرتكە بولۇش، تىنچ - ئامانلىق بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يىغىندا يەنە «ئاپتونوم رايونىمىز كەنتلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققى، يېزىلاردىكى <تۆت پېشقەدەم> لەر بىلەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىيبات سابىكەي، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر