باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن بىلەن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى «13 - بەش يىل» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئۇچۇر كەسپىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.10.21 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «13 - بەش يىل»دىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شياۋۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىڭتۈەن بىلەن كاپىتال ھەمكارلىقى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، كەسىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بىڭتۈەن ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىنچ - ئامان بىڭتۈەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىق سەككىز جەھەتتە، «ئالاقە تورى+» سەككىز چوڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ؛ يەنە ئەشيا تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى ئارقىلىق بىڭتۈەننىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسپىي ھالىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» دىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو، كۈچلۈك تور دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتى پىلانى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ 2025 - يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پائال سىڭىشىش، بىڭتۈەننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۈەن كەڭ بەلباغلىق بىڭتۈەن، ئەقىل - پاراسەت شەھىرى، ئەقىل - پاراسەت كەسپى، ئەقىل - پاراسەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ قەدەمنى ساقلىغان. بىڭتۈەن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە «ئوپتىكىلىق تور» يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر