باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئۇچرىشىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

2016.10.21 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاي كىرگەندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمدە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى زىددىيىتى كەسكىنلەشكەنلىكتىن، ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئۇچرىشىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيەمۇ ئامېرىكا ھەمدە باشقا غەرب ئەللىرىگە قاتتىق ھەربىي دىپلوماتىيە قوللاندى.

  رۇسىيەنىڭ قاتتىق تەدبىرى قارىماققا ئۇشتۇمتۇت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋاملىق تىركىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، رۇسىيەنى جازالىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقان چوڭ سايلىمىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئوباما ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ياخشىلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشىشىدىكى بىر خىل تاللىشى.

  رۇسىيە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ، سۇرىيە توقۇنۇشىغا ئارىلاشتى، باشار ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. رۇسىيە مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنى رۇسىيە بىلەن سۇرىيە مەسىلىسى ۋە تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىدى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن غەرب ئەللىرى بىلەن سۆزلىشىش كۆزنىكىنى ئېچىپ، خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولدى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىيىتى بارغانچە كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، سۇرىيە مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش-ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە خەلقئارادىكى يۈزىنى قايتىدىن يورۇتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە تەسەللى بەردى. ھالبۇكى ئەمەلىي كۈچى خېلى ئاجىزلاپ قالغان ئامېرىكا يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، رۇسىيەنى يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنى چەكلىدى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ زىددىيىتى بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

  ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىغا قول تىقتى دەپ ئەيىبلىشى- رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى كۈندىن بۇيانقى زىددىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل. ئامېرىكىدىكى بەزى گۇرۇھلار ۋە تاراتقۇلار ترامپنىڭ غەلبە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، تىرامپ بىلەن پۇتىننىڭ مۇناسىۋىتىگە قارا چاپلاپ، رۇسىيەنى چوڭ سايلامغا قول تىقتى ۋە سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىدى. كۆزەتكۈچىلەر دىققەت قىلىدۇكى، ئامېرىكا بۇ يىل رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، بۇنداق ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەيىبلەش بىلەن ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى زىددىيىتىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، شۇڭا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋەتتى.

  ئۇندىن باشقا، رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ قاتتىق زەربىسىمۇ رۇسىيەنىڭ غەرب ئەللىرىگە رۇسىيەگە داۋاملىق جازا يۈرگۈزگەنلىكىدىن دەردىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا مۇش كۆتۈرۈشى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن، رۇسىيەگە داۋاملىق نۇرغۇن قېتىم جازا يۈرگۈزدى، رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيە زور زىيان تارتتى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيەدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ يۆنىلىشى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ جازانى بىكار قىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى قارىشى تەرەپنىڭ يول قويۇشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، ئەكسىچە، ئامېرىكا يەنە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ، مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى كەينىگە سۈردى. رۇسىيە ئۆز ئالدىمىزغا دىپلوماتىيە جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز- دۆلەت سىياسىتىنى تەڭشەپ تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە يەتمەيدىكەن دەپ قارىدى.

  رۇسىيەنىڭ ھەربىي بىرلەشمە دىپلوماتىيەسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كۆپ يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ «پلۇتۇنى باشقۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېلىشىمى» ھەمدە باشقا ئىككى يادرو ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى دۆلەت پولشا بىلەن لىتۋا چېگرالىنىدىغان گېلىنگىراد رايونىغا ئىسكەندەر -Mبەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاش، فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە بىرلىكتە تۆزگەن سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار لايىھەنى ئىنكار قىلىش، پۇتىننىڭ 19-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى بىكار قىلىش.

  بۇ بىر قاتار كۈچلۈك ھەربىي دىپلوماتىيە سىياسىتى- رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى تەڭشەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەربىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، رۇسىيە جەنۇبىي تاقىم ئاراللاردىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتتى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پات ئارىدا يىراق شەرقتە يېڭى ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان دىۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2-ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان دىۋىزىيەسى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى ياپونىيە، ھاۋاي، گۇئام ئارىلىدا تۇرۇشلۇق تىنچ ئوكيان دېڭىز ساھىلىنى چارلاش، بۇ تەدبىر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا زىت كېلىدۇ. گېلىنىنگىرادقا ئىسكەندەر-M بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىشى تەدبىر، بۇ رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قارشىلىشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى يېڭى بېسىمغا دۇچ كەلدى.

  ئۇندىن باشقا، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەربىي دىپلوماتىيە پائالىيىتى ۋە يېڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى نامايان قىلدى، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى پاكىستاندا تۇنجى قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن ھىندىستانمۇ يىراق شەرق رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەربىي بازىلاردىن باشقا، رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئىلگىرىكى باشقا دۆلەتلەردىكى ھەربىي بازىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن، رۇسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى سىۋېىتوف مۇنداق دېدى؛ رۇسىيە شەرققە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويماقچى بولىدىكەن، يىراق شەرق چېگرا رايونىنىڭ مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىشلىرىنى خېلى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشى كېرەك. رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشى ئۇلارنىڭ شەرققە يۈزلىنىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، رايون بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ رۇسىيەنىڭ ئاسىيانىڭ كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمىغا قاتنىشىشتىكى مۇھىم مەزمۇن.

  رۇسىيەنىڭ ھەربىي دىپلوماتىيەسىنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشى- نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بەزى غەرب تاراتقۇلىرى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە قايتقانلىق دېيىشتى، ھەتتا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سۇرىيەدە تۇتۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قاراشتى.

  بىراق بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سۇرىيەدىكى چەكلىك ھەمكارلىقىنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە كىرىپ قالمىدى. ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشقا مادارى يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە قايتىش نىيىتىمۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت كەسكىن ھەمدە سىرتقا بىردەك سادا چىقىرالمايدۇ، شۇڭا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۆلەتلەر گۇرۇھى ئارىسىدىكى قارشىلىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: خېلى ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە يادرو چوڭ دۆلەتلىرى بولغان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تارىختا قارشىلىشىش ئەڭ كەسكىن بولغان چاغلاردىمۇ، بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلانغان ئىدى. رۇسىيە تەرەپتىن قارىغاندا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىدا رۇسىيەنىڭ ماغدۇرى بار. 1-دىن، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ئەمدىلا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت دۇماسى سايلىمىدا يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئورنىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، پۇتىننىڭ قاتتىق دىپلوماتىيە مەيدانىدا چىڭ تۇرسا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.2-دىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە ئىككى يىلدىن ئاشتى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى ساھەسى جازالاش شارائىتىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىپ كەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى تارايدى. 3-دىن، 4-پەسىلدە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، بۇندىن بۇرۇنقى غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادى غۇلاپ چۈشىدۇ دېگەن سەپسەتىسى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

  ئۇندىن باشقا رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قاتتىق مەيدان تۇتۇشىدا ۋاقىت جەھەتتە ئويلىغىنى بار، ھازىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا دۇچ كېلىپلا قالماستىن، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەمۇ رەھبەرلەرنى ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھېچقانداق ئىلاج بولمايۋاتقان ئەھۋالدا، رۇسىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى. رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىياسەتنى تەڭشەش، پۇرسەت كۈتۈش بىر خىل تاللاش دېيىشكە بولىدۇ.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان «نۇقتىئىنەزەر گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ئامېرىكىنىڭ پىرىزما دېلوسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغۇچى سىنودىن2013-يىلى يازدا رۇسىيە بېرىپ پاناھلانغانلىقىغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى، بۇ مەزگىلدە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپ، كۆپ قېتىم كەسكىنلەشتى، ئالايلۇق: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن كۈچلۈك قارشىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ھەر قېتىم توقۇنۇشتىن كېيىن نىسبەتەن تىنچ ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ خىل سىجىل تىركىشىش ئەمەلىيەتتە ئۆز- ئارا بېسىم ئىشلىتىدىغان نېرۋا ئۇرۇشى. بۇ قېتىمقى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشى گەرچە كۈچلۈك، خەتىرى بىر قەدەر زور بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش چارىسىنى تېپىشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر