باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.25 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن كۇچا ناھىيەسى 21 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە پېشقەدەم شائىر، پىشقان مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمان مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاخبارات – نەشرىيات ئورۇنلىرىدا 41 يىل ئىشلەپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ زور نەتىجە ياراتتى، ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، 59 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. ‹‹ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ››، ‹‹گىرىمسەن ئۇپۇق››، ‹‹كۇچا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە شېئىر، تەھرىرلىك تەتقىقاتى، ئەدەبىيات تەتقىقاتى، كۇچاشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمىگە ئائىت كىتابلىرى نەشر قىلىندى، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى خەنزۇچە ۋە قازاقچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ، پەرۋىش قىلىپ، ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە زورىيىشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتە باشلامچى بولۇپ، ئېلىمىز ۋە چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ بىر بۈلۈك شېئىرىنى تەرجىمە قىلدى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا پېشقەدەم ئەدىبنىڭ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەربابلار ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شېئىرلىرى ۋە نادىر ئەسەرلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىندى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر