باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن ناھىيەسى دېھقان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2016.04.25 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنۋەرجان ئەكرەم خەۋەر قىلىدۇ: يەكەن ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، دېھقان ياشلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئۇقۇشىمچە، ناھىيە بۇلتۇر يىل بېشىدىن بۇ يىل 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كەسپىي مائارىپقا 28 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، دېھقان ياشلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتكەن. يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى ناھىيەدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، سانائەت رايونىدىكى 121 دىن كۆپرەك كارخانىنىڭ تېخنىك ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 12 تۈرلۈك مەخسۇس كەسىپنى تەسىس قىلىپ، سانائەت رايونىدىكى كارخانىلارنى زۆرۈر بولغان تېخنىك ئىشچىلار بىلەن تەمىنلىگەن ھەم دېھقان ياشلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان 1250 ياش ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىدە تەربىيەلىنىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر