باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئەسكەر كۆپەيتىپ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىنى پاچاقلاپ تاشلىيالامدۇ؟

2016.04.25 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى كارتېر 18 – ئاپرېل ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ۋە بىر نەچچە ‹‹ئاپاچ›› ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كارتېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق، بەزى تەھىلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش نىيىتىدىن گۇمانلىنىپ: ھازىر ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ موسۇل، سۇرىيەنىڭ راققادىكى لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق بولغاچقا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ كۈچلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يوقاتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا.

  ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مۇددىئاسى

  كارتېر 18 – ئاپرېل باغدادتا جاكارلىغان ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىراققا كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر كۆپەيتىشى ھەم ئامېرىنىڭ تۇنجى قېتىم ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراققا ‹‹ئاپاچ›› ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ پىلان بويىچە، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ھازىرقى 3870تىن 4087 گە كۆپەيتىلىدۇ. ئىلگىرى ئىراققا ئەۋەتىلگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئارقا سەپتىكى ئوخشىمىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى سەپتىكى ئىراق قوشۇنى ئارىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىراقلىقلارنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

  ھالبۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كارتېر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغاندا ئامېرىكىنىڭ ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللارنى، جۈملىدىن ھاۋادىن تېخىمۇ كۆپرەك ھۇجۇم قىلىش، توردىن زەربە بېرىش، شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئاجرىتىش توغرىسىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كوماندىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

  كارتېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، 1 – باسقۇچلۇق ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيەنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ستىۋې ۋاررېن 13 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: 1 – باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكەتتە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشىكىلاتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەم ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇنتىزىم قىسىمغا ئايلىنىشىنى چەكلەش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.

  ۋاررېن مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكەتتە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى قىسىمى ئىراق خەۋپسىزلىكى قىسىمى 2014 – يىلى 6 – ئايدا قولدىن بېرىپ قويغان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار موسۇلنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەم ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى لاگېرى، شىمالدىكى راققا شەھىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.

  سۇرىيە تەھىلىلچىسى خالىد ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نى يوقىتىش نىيىتى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا ھە دەپ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى يوقىتىش ‹‹قارارى››نى چىقاردۇق، دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ بۇنىڭغا تېخى ھېچقانچە تۆھپە قوشمىدى. ئامېرىكا يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيەدە بولۇپ، ھازىرقى سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە ماسلىشىپ، ئۆز ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ۋە رۇسىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈچلەرنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۆزى قوللاۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتى بارلىقىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.

  دېمەك ئاسان، قىلماق تەس

  ئامېرىكا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ئەسكەر كۆپەيتىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇلتۇر 2 – ئايدا پارلامېنتقا لايىھە سۇنۇپ، قورال ئىشلىتىپ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە يېڭىچە رەسمىي ھەربىي ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنىدى. بۇ تەكلىپكە ئاساسەن، رەسمىي ھەربىي ھوقۇق بېرىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولسىمۇ، كارتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ۋاقتىنىڭ بۇ مۇددەتتىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە مەيلى ئىراقتا بولسۇن ياكى سۇرىيەدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىش يەنىلا ئىنتايىن قىيىن.

  ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى لاگېرى دەل ئىراقنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى موسۇلدا. بۇ جاي ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە ئەسكەر مەنبەسى بولغاچقا، بۇ تەشكىلات بۇ يەردە نۇرغۇن ئەسكەر، مىنا رايونى ئورۇنلاشتۇرغان ھەم مۇستەھكەم مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرغان.

  موسۇل شەھىرىدە 1 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە بولغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن سانائەت ئەسلىھەسى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار بار بولۇپ، كوچا ئۇرۇشى قىلىش ئىنتايىن تەس، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەندىشە قىلىپ قول تەگكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ. ئارقا سەپتە ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەش ئىشى ئۇزاققىچە كېچىكتۈرۈلۈپ، پارتىيە – گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت يېرىم پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاچقا، ھۆكۈمەت زېھنىي كۈچىنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرەلمەي قالدى. ئالدىنقى سەپتە، موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى، كۇرد قوراللىقلىرى، شىئە خەلق ئەسكەرلىرى ۋە سۈننىي قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتتى. موسۇل ئاھالىسى سۈننىيلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مۇبادا شىئەلەرنى ئاساس قىلغان ئىراق ھۆكۈمىتى مەزھەپ زىددىيىتى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.

  ھالبۇكى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پالمىرا بىلەن گەرياتىندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەرنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى لاگېرى راققا شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

  سۇرىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ھۇسەم سايىب مۇنداق دېدى: راققا شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىشتا مۇنداق ئۈچ قىيىنچىلىق بار: بىرىنچى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان مۇھىم ئالاقىسى تېخى ئۈزۈل – كېسىل ئۈزۈۋېتىلمىدى، بولۇپمۇ سۇرىيە بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىكى جايلار بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىش، قورال بىلەن تەمىنلىنىش ۋە نېفىت ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان ئاساسلىق لىنىيەسى بولۇپ قالدى؛ ئىككىنچى، راققا شەھىرىدە يەنىلا پۇقرالار بار، كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلىشقا بولمايدۇ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىمى راققا شەھىرىگە تېخى يېقىنلاشمىدى؛ ئۈچىنچى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى يۈزتۇرا ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا، باشقا رايونلارغا سىڭىپ كىرىشى، شۇنداقلا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىشى مۇمكىن.

  خالىد مۇنداق دېدى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلمىغۇچە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىرلىشىپ رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى تەسكە توختايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر