باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا «مەمۇرلۇق ئىمتىھان سوئالى ئاشكارىلىنىپ كەتتى» دېيىلدى

2016.04.25 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاپرېل، نۇرغۇن تورداش بىر قانچە ئۆلكىنىڭ 2016-يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانى يېزىقچە سوئالىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى بارلىقىنى ئىنكاس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭچىڭ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلار بار ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، جياڭشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ مەمۇر قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋى پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانى 23-ئاپرېل ئېلىپ بېرىلدى، ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە تورداشلار جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئىمتىھان سوئالى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ‹‹مەمۇرلۇق ئىمتىھان سوئالى ئاشكارىلاندى›› دېگەن تېما مەملىكەت بويىچە نەچچە مىليون ئىمتىھان بەرگۈچى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندى.

  23-ئاپرېل كەچتە، جياڭشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، تورداشلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىنكاس قىلغان 2016-يىللىق جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى سوئالىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، جياڭشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر