باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسى ئاممىغا قولايلىق ياراتتى

2016.04.25 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەمشىدىن خەپتىمھاجىم خەۋەر قىلىدۇ: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 30 – مارتنى ‹‹12333 مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش مەسلىھەت بېرىش كۈنى›› قىلىپ بېكىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسىغا يېقىنلىشىشنى بۇ يىللىق ئاساسىي تېما قىلدى.

  قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 2012 – يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تارقىتىلغاندىن بۇيان ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسىنى تارقىتىش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى. ھازىرغا قەدەر قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تارقىتىلغان كارتا 300 مىڭغا يېتىپ، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى نىشان، ۋەزىپە ئاشۇرۇپ تاماملاندى. ھازىر قىزىلسۇ ئوبلاستىدا خەينەن، شەنشى، سىچۈەن ئۆلكىلىرى بىلەن يۆتكىلىپ داۋالىنىشنى ئاتچوت قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق باشقا جايدا داۋالانسا ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىپ بېرىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىلدى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا كارتىسىنى ۋاقتىدا تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان كارتىنى تولۇقلاپ بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا قىزىلسۇ ئوبلاستى تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاقتىدا تولۇقلىدى. ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى: ئىلگىرى كارتا تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا يوللاپ ياساشقا بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر نەچچە كۈندىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدىغان بولدى، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر