باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى

2016.04.25 16:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماغاۋيا زاكاريا خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاپرېل جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندانبۇلاق يېزىسىدىكى دېھقان گۈلنۇر داۋلەتقان ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئىشىكىدىن ئالدىراش چىقىپ ئىشقا ماڭدى. ئۇلار جىڭ ناھىيەلىك ‹‹ۋىيلاڭ›› سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىك ئىشچىلىرى ئىدى. گۈلنۇر داۋلەتقان مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يېرىمىز ئاز بولغاچقا، قوشۇمچە ئىشلەشنى ئويلاشقانىدۇق، ھازىر تېرىلغۇ يېرىمىزنى باشقىلارغا ھۆددە بېرىپ، ئېرىم ئىككىمىز بۇ شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشتۇق، كىرىمىمىزمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

  ناھىيە كىيىم – كېچەك، پاختا توقۇمىچىلىققا ئوخشاش ساھەلەرنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2014 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹جىڭ ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش پىلان – لايىھەسى››نى تۈزدى ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ نىشانلىق تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش تۈرىدىن 5 مىليون يۈەن خىراجەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش سالمىقىنى تېزلىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، گىلەم توقۇش بويىچە يېزا، كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يېرىدە ۋە سىرتلاردا مەركەزلىك تەربىيەلىدى. بۇ ناھىيەدە قۇرۇلغان كارخانىلار ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال بىر قىسمىنى شەندۇڭ، خېبېي، خۇبېي قاتارلىق جايلارغا ھەقسىز تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  جىڭ ناھىيەلىك ‹‹ۋىيلاڭ›› سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ فۇجى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بۇلتۇر 8 – ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان يىلدا 5 مىليون جۈپ كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشى بويىچە 2000 ئەمگەكچىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇنىڭ %90تىن ئارتۇقى يېزا، كەنتلەردىن كەلگەن ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر