باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەنلىك 45 جىنايەت گۇماندارى دەسلەپكى قەدەمدە جىنايىتىگە ئىقرار بولدى

2016.04.22 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى قىرغاقتىكىلەر ھەمكارلىشىپ تېلېگراف ئالاقىسى ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشنى كېڭىشىشكە كەلگەن تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، 45 نەپەر تەيۋەن تېلېگراف ئالاقىسى ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارلىرى قامالغان بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونلۇق قاماقخانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ھەم چوڭ قۇرۇقلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

  تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن جىنايەت گۇماندارلىرىغا بەرگەن ھوقۇق كاپالىتىنى ئېتىراپ قىلدى. تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چوڭ قۇرۇقلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېلېگراف ئالاقىسى ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

  تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 10 ئەزاسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە خەيديەن رايونلۇق قاماقخانىغا باردى. ئۇلار چوڭ قۇرۇقلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن ئادۋوكاتلار كۈتۈۋېلىش ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ، قاماقخانا ئادۋوكاتلار كۈتۈۋېلىش ئۆيىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر