باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىدۇ

2016.04.22 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-ئاپرېل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلگەن: 2016-يىلى1-مايدىن باشلاپ، كارخانا ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ٪20 تىن ئاشقان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ٪20 كېچە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ٪20 تىن ئاشقان، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى قالدۇقىنى جەملەپ تاپشۇرغان ۋاقتى توققۇز ئايدىن ئاشقان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ٪19 كېچە باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلىپ، ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇددىتى ۋاقتىنچە ئىككى يىل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. كونكرېت لايىھەنى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەر بېكىتىدۇ.

  2016-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئومۇمىي ھەق نىسبىتى 2015-يىلىدىكىدىن 1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلگەن ئاساستا يەنە ٪1 تىن ٪1.5 كېچە باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەخسلەرنىڭ ھەق نىسبىتى خىراجەت ٪0.5 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تۆۋەنلىتىش مۇددىتى ۋاقتىنچە ئىككى يىل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. كونكرېت لايىھەنى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەر بەلگىلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر