باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇرس دېھقان–چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا باشلىدى

2016.04.25 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈسۈپ ئىسمائىل، ھەجەرگۈل ھاپىز خەۋەر قىلىدۇ: دېھقان – چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدار سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قومۇل شەھىرى بۇ يىل مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش بىلەن نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىشنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇردى.

  شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا دەرس باشلىدى. قومۇل شەھىرىنىڭ يېزا – بازارلىرىدىن كەلگەن تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار 260 دېھقان – چارۋىچى كۇرسقا قاتناشتى. قومۇل شەھىرىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسى تارات كەنتىدىكى كامىلجان سىدىقنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، كىرا ئاپتوموبىلى ھەيدەش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئويلىغانىدى، ئۇ بۇ قېتىمقى ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. كامىلجان سىدىق مۇنداق دېدى: بۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشىدىغىنىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، خۇش بولدۇم. ھۆكۈمەت ھەقسىز تەربىيەلەپ، مېنىڭ نۇرغۇن چىقىمىمنى تېجەپ بەردى.

  تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ۋاقتى ئۈچ ئاي بولۇپ، يېپىق ھالەتتىكى ئوقۇش تۈزۈمى قوللىنىلدى. تەربىيەلىنىش جەريانىدا بارلىق خىراجەتنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، ھەر بىر كۇرسانتقا كۈنىگە 30 يۈەن تاماق پۇلى، ئايدا 150 يۈەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى تولۇقلىما ياردەم پۇلى بەردى.

  قومۇل شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېنخەي مۇنداق دېدى: نامرات ئەمگەكچىلەرنىڭ شارائىتىغا ماس ھالدا ھەقسىز تەربىيەلەپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بارلارغا يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر