باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەسى ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

2016.04.25 16:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرمۇھەممەت مەخمۇت خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسىدە 3 – ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى دېھقان – چارۋىچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 3 – ئايدىن بۇيان جايلارنى ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلغاندىن كېيىن، لوپ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاياللار بىرلەشمىسى، رادىيو – تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى، نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن ‹‹ئۈچنى – يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› ئۆمىكى تەشكىللەپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. بۇ ئۆمەكتىكىلەر يېزا – بازار، كەنتلەرگە بېرىپ، ئاممىغا ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› بويىچە مۇلازىمەت قىلدى. پائالىيەتتە سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، تىنچ، ئىناق بولغان ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، دېھقان – چارۋىچىلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى. تەشۋىقات خادىملىرى دېھقان – چارۋىچىلارغا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، شۇنىڭدەك ۋىلايەتتە ئېچىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى، ئەيدىزدىن ساقلىنىش بىلىملىرى، ياڭاق، چىلان دەرەخلىرىنىڭ پەرۋىشى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، سورتىنى ياخشىلاش بىلىملىرى، ئائىلىدە كۈتۈنۈش ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە مەسلىھەت بەردى. ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ناھىيە بازىرى ۋە يېزا – بازارلارغا بېرىپ، 8500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنىدا مەسلىھەت بېرىپ، 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى؛ 1100 پارچە تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتتى. نەتىجىدە، ھازىرغىچە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دېھقان – چارۋىچى 15 مىڭ 518 ئادەم/قېتىمغا، تارقىتىلغان ھەر خىل تېمىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقى 10 مىڭ 786 پارچىغا، مەسلىھەت ئالغانلار 8034 ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، دېھقان – چارۋىچىلار مول مەنىۋى زوققا ۋە چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر