باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى تەتقىقات-تەربىيەلەش مەركىزى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇردى

ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى بەش قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

2016.04.25 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-ئاپرېل جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى تەتقىقات-تەربىيەلەش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، مەزكۇر مەركەز 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە 5-نومۇرلۇق» ئادەملىك ئالەم كېمىسى قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېينى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققۇچە ۋە ھازىر پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقان «خاسىيەتلىك كېمە 11-نومۇرلۇق» ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىگىچە، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى تەتقىقات-تەربىيەلەش مەركىزى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ روسىيە گاللىن مەركىزى، ئامېرىكا جوخنسون مەركىزىدىن كېيىنكى دۇنيا بويىچە 3-چوڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى مەركىزىگە ئايلانغان، ئالەم بوشلۇقىدا بۆلۈمىدىن چىقىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇش مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، بەش قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاسىيەتلىك كېمە ۋەزىپىسىدىن ئوننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلەت دەرىجىلىك، باش شىتاب دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن تۆتنى قۇرغان.

  جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى تەتقىقات-تەربىيەلەش مەركىزى 24-ئاپرېل تۇنجى «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى»نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى، خاسىيەتلىك ئالەم كېمىسىنىڭ تۇنجى باش لايىھەلىگۈچىسى، ئاكادېمىك ۋېي فارېن ۋە قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ دوكلات بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر