باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى رايون ئىچىدە يان تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2016.04.25 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 23-چېسلا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رايون ئىچىدە يان تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانىلارنى ھەق ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، بىرلىككە كەلگەن باھادىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئابۇنىچلىرىنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يان تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىگە قارىتا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 23-چېسلا يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ ئاساسىي تېلېگىراف كارخانىسى دائىم كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئابۇنىچلارغا قارىتا شەھەر ئىچى تېلېفونى، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ۋە كەزمە مۇلازىمەتتە بىرلىككە كەلگەن باھا ھەققى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ئابۇنىچلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېز ئاشماقتا. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەتنىڭ رايونلار تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى پىلانىغا ئاساسەن، تېلېگراف ھەققىنى بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەق ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەپ، بىر تۇتاش باھادىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئابۇنىچلىرىنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر