باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى كونكرېت چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن، تەمىنات مىقدارى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ

2016.04.22 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا: بۇ يىل ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، دېگەن. ھازىر، خېبېي، جىلىن، تيەنجىن، جياڭشى قاتارلىق جايلار ئۆز جايىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى كونكرېت يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدى. كۆزىتىش ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ تەمىناتتىن بەھرىلىنىش مىقدارىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

  «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق يولغا قۇيۇش نىزامى»دا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ ئالتە تۈرلۈك ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە يەتتە تۈرلۈك ئىش بېجىرىش قولايلىقلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى بەلگىلەندى ھەم ھەر قايسى جايلارنىڭ پائال شارائىت ھازىرلاپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرىنى جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

  ھەرقايسى جايلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى كۆزەتكەندە، تەمىنات مىقدارىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، لېكىن، دۆلەت نۇسخىسىدىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تەمىنلىگەن جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېڭەيتىلگەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرى سەككىز تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى ۋە سەككىز تۈرلۈك قولايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن؛ جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرى ئالتە تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى ۋە توققۇز تۈرلۈك قولايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن؛ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىلىرى يەتتە تۈرلۈك جامائەت مۇلازىمىتى ۋە سەككىز تۈرلۈك قولايلىقتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  نۇرغۇن جاينىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تەمىناتى تىزىملىكىگە پەرزەنتلىرىنىڭ شۇ جايدا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا قولايلىق يارىتىش دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلگەن ھەم مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ۋە تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  مەسىلەن: خېبېي ئۆلكىسىدە، پەرزەنتلەر بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۇرۇشلۇق جايىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشسا، تۇرۇشلۇق جايىدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ھەم مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇدا ئوقۇش خاتىرىسى بارلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن؛ جياڭشى ئۆلكىسىدە،پەرزەنتلەر بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۇرۇشلۇق جايىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشسا، تۇرۇشلۇق جايىدا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇدا ئوقۇش خاتىرىسى بارلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن؛ جىلىن ئۆلكىسىدە،ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىگىسى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلەر تۇرۇشلۇق جايىدا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر