باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئون ئىككى مۇقامنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا قىسقىچە بايان

2013.01.22 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ سەزگۈر ئەزالىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، زامان خاراكتېرىگە ئىگە ھېسسىيات سەنئىتى بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، ئون ئىككى مۇقام ۋە باشقا كۆپلىگەن ناخشا – مۇزىكا ئەسەرلىرى، لېرىك مېلودىيە ۋە رېتىمى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا خىيال،تۇيغۇ ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرگە بەدىئىي زوق، ئىستېتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىپ، كىشىلەرنى تەلىم – تەربىيەگە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقى زامان ئىجادىي ناخشا – مۇزىكىلار ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيانقى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئورۇنداش ۋە شەكىل جەھەتتىمۇ بارغانسېرى يېڭىلىنىپ، بۈگۈنكىدەك ھەيۋەتلىك، مۇكەممەل بولغان نادىر ئەسەرگە ئايلاندى.

  قىممەتلىك مىراسىمىز بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەردىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

  دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن قاتارلىق مۇقام ئۇستازلىرى تەشكىللىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان، بۇ سەنئەت گۆھەرلىرى قايتىدىن قېزىلىپ، 1951 – يىلىدىن 1954 – يىلىغىچە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىككى قېتىم نوتىغا ئېلىندى، ھەمدە 1960 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا نوتىسىدىن ئىككى قىسمى نەشردىن چىقتى. 1980 – يىللاردا ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇللۇق مۇقام ‹‹چەبىيات مۇقامى››، مىللىي سىمفونىيە ‹‹مۇقام مەرغۇلى›› قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر نومۇرلار رەتلەپ ئورۇندالدى.

  1980 – يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، كۆپ قېتىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا غەربىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ زىيارەت ئويۇنى قويۇپ، ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى – تاشقى تەسىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، يىپەك يولىدىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى، قۇمۇل مۇقامى، دولان مۇقامى، تۇرپان مۇقامى قاتارلىق كىتاب ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرى ئىشلىنىپ، 1992 – يىلى 11 – ئايدا، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە بېيجىڭدا ئون ئىككى مۇقام خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، چەبىيات مۇقامى ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقامى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 12قىسىملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئىشلەندى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى، يىپەك يولىدىكى مۇزىكا مەدەنىيىتى، قۇمۇل مۇقامى، تۇرپان مۇقامى قاتارلىق كىتابلار ۋە لازىر نۇرلۇق پىلاستىنكىلار نەشر قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  2003 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەل ئىچى مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئون سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى. 2005 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» دەپ ئېلان قىلىندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە