باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>گۈزەل-سەنئەت

ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قومۇل ئارا تۈرۈك مۇقامى

2013.05.13 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇرلارنىڭ «12-مۇقامى» جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر، ئىشچان، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا مۇزىكىلىق تىل ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپتىن بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان مەدەنىيەت قامۇسى.

  شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» تارقالغان. بۇ مۇقام «قۇمۇل مۇقامى»نىڭ مۇھىم بىر تەركىبي قىسمى بولسىمۇ لېكىن ئورۇنداش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە.«قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» قۇمۇل مۇقاملىرى ئارىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپ، ئۇ قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېيتىلىش ئۇسۇلى ۋە نومۇر كۆرسىتىش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي يەنە ئارا تۈرۈك مۇقامىنىڭ نومۇر كۆرسىتىش شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنى ئالاھىدە نامايان قىلغان.

  «قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى ئىشچان، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، مول مۇزىكىلىق مىلودىيەگە، مۇرەككەپ ئورۇنداش ماھارىتىگە، ئۆزگىرىشچان ئاھاڭدارلىققا، رەڭدار مۇزىكا ئوبرازىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئالىيجاناپ خاراكتېرى، يۈكسەك غايىگە يېتىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى شۇنداقلا ئارا تۈرۈكتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شاتلىقى ۋە قايغۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە