- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋازىرى خانوي ئۇچرىشىشىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
2019.03.20 16:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋازىرى سۈي شەنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەندىكى باش ئەلچىلىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلار ھەمدە چاۋشيەندە تۇرىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرىغا چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خانۇيدىكى ئۇچرىشىشى ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
سۈي شەنجى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى قىلمىغانلىقىغا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمىگەنگە 15 ئاي بولدى، چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانىڭ بىر قىسمى بىكار قىلىنىشى كېرەك، بىراق ئامېرىكا بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، چاۋشيەندىن يادروسىزلاشتۇرۇشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى. چاۋشيەن ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا دەۋاتقان جازانى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشنى ئەمەس بەلكى قىسمەن خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. سۈي شەنجى مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا ئىزچىل مۇشۇنداق پوزىتسىيىدە بولسا، ئۇنداقتا ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆھبەتلىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. نۆۋەتتە يادرو سىنىقى قىلماسلىق، ترايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمەسلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ-يوق بۇنىڭغا چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى قايتىدىن قارار چىقىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر