- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
4-پەسىلدە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن بانكا كارتىسى بەش دانىدىن ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال سوممىسى 18 مىڭ 300 يۈەن بولغان
2019.03.20 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، مەركىزىي بانكا چىقىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئومۇمىي ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 4-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلارنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن بانكا كارتىسى 5.46 دانە بولغان. 4-پەسىلدە، بانكا كارتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال سوممىسى 18 مىڭ 300 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.76 ئاشقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بانكا كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى داۋاملىق ئاشقان. 4-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان بانكا كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن كارتا سانى 7 مىليارد 597 مىليون دانە بولۇپ، سېلىشتۇرما ئېشىشى %2.86كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دېبېت كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن كارتا سانى 6 مىليارد 911 مىليون دانە، سېلىشتۇرما ئېشىشى %2.75گە يەتكەن. ئىناۋەتلىك كارتا ۋە دېبىت-كىرېدىت بىرلەشمە كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن كارتا سانى جەمئىي 686 مىليون دانە بولۇپ، سېلىشتۇرما ئېشىشى %4.01كە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە ئاھالىلارنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن بانكا كارتىسى 5.46 دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالىلارنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىناۋەتلىك كارتا ۋە دېبىت-كىرېدىت بىرلەشمە كارتىسى 0.49 دانە بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر