باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2019.03.19 15:35   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  ■ ئىدىيىۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈشتە ئەڭ ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانداق ئادەملەرنى تەربىيەلەش، ئادەملەرنى قانداق قىلىپ تەربىيەلەش ۋە كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان ئىكەن، ئۇنداقتا، چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. بۇ تۈپ مەسىلە ئۈستىدە، چوقۇم بايرىقى روشەن ۋەكەسكىن بولۇشى كېرەك.

  ■ ئىدىيىۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا. ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ھەقىقىي ھالدا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇرۇقىنى كۆمۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتىدىكى بىرىنچى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشىگە يېتەكلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىسى، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، چوڭقۇر ھېسسىياتتا بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، تەپەككۇر يېڭى بولۇشى كېرەك؛ تۆتىنچىسى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇشى كېرەك؛ بەشىنچىسى، تەلەپچان بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچىسى، ئىنسانىي پەزىلەت دۇرۇس بولۇش كېرەك.

  ■ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى، بىرىكىش كۈچى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىيلىقى بىلەن ئىدراكىيلىقىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ قىممەتچانلىقى بىلەن بىلىمچانلىقىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ ئىجابىيلىق بىلەن تەنقىدىيلىك خاراكتېرىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ نەزەرىيەۋىلىكى بىلەن ئەمەلىيەتچانلىقىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ يېتەكچىلىكى بىلەن سۇبيېكتىپلىقىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ سىڭدۈرۈشچانلىقى بىلەن قوزغىتىشچانلىقىنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ ئاشكارا مائارىپ بىلەن يوشۇرۇن مائارىپنىڭ بىردەك بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18- مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈشتە ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانداق ئادەملەرنى تەربىيەلەش، ئادەملەرنى قانداق قىلىپ تەربىيەلەش ۋە كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش، ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىدىغان مائارىپنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي گۈللىنىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان بۇ يېڭى دەۋردىكى يېڭى كىشىلەرنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چېن باۋشېڭ: %86تىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرگە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سەپلەندى 
    ·135 مىڭ ئىش ئورنى پەقەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنلا مەخسۇس تەمىنلىنىشكە ساقلاپ …
    ·كېلەچەكنىڭ ئۈمىدىنى مائارىپقا يۈكلەش كېرەك 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل ق…
    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشقان تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغانل…
    ·بۇ قېتىملىق نەتىجە قەغىزىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپ
    ·تاشكەنتتە قار ياغدى
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلدى
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆي-جاي بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ سىياسەت 2021ـ ي…