- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئىفىئوپىيەدە ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىغان خىزمەتچىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى
2019.03.20 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا گۈل چەمبىرەك قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېقىندا ئېفىئوپىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھەمدە بارلىق قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. گۇترېس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھادىسىدە قازا قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچىلىرى تەشكىلاتىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ۋەكىللىرى، ئۇلار تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۈچىنى بېغىشلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر