باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى: جۇڭگۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش دىپلوماتىيىمىزنىڭ ئالدىن يۆنىلىشى

2019.03.20 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ئۈلۈشكۈن تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە يېقىن قوشنىسى، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش تاجىكىستان دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىن يۆنىلىشى. راخمان مۇنداق دېدى: تاجىكىستان ھازىر تاجىكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن، جۇڭگو ھازىر تاجىكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبىيى ۋە ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلاندى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، خەلقئارا سەھنىدە زىچ ماسلىشىپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر