باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيەنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز

2019.01.21 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت مۇنبىرى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋيېتنامنىڭ شىمالىدىكى گۇاڭنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىيالوڭ شەھىرىدە يېپىلدى. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگونىڭ ۋيېتنامدىكى باش ئەلچىسى شيۇڭ بو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيەنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى: بىر گەۋدىلەشكەن كۈچ» بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى بولدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە سۆزلىشىش شېرىك دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ئەمەلدارلىرى، كەسپىي ساھەدىكى ۋەكىللەر قاتارلىقلاردىن بولۇپ 2000 مىڭچە كىشى بەش كۈن ئېچىلغان مۇنبەرگە قاتناشتى. ۋەكىللەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئۇنىڭ سۆزلىشىش شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئاخبارات باياناتىنى ماقۇللىدى ھەمدە ئۇنى رايون ساياھىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر