- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ئاق ساراي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە تۈزدى
2019.01.21 14:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئاق سارىيى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، ئاق ساراي ئىشخانا مۇدىرىنىڭ يازما تەستىقىغا ئېرىشمىگۈچە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى ئىشتىن توختىغان مەزگىلدە ھۆكۈمەت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىنى چەكلىدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى پېلوسىنىڭ ئەسلىدە شۇ كۈنى چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇشى كەينىگە سۈرۈلدى، سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشتىن توختىشى» يەنىلا داۋاملاشماقتا، لېكىن ئۇ: پېلوسى خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دېدى. ترامپنىڭ بۇ قىلىقى پېلوسىدىن «ئۆچ ئالغان»لىق دەپ قارالدى، پېلوسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ترامپنىڭ ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىشى بېكىتىلگەن دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش ھەققىدىكى نۇتۇقىنى كەينىگە سۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى.
پېلوسىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەسلىدە خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ زىيارەتكە چىقماقچى ئىدى، بىراق ئالاقىدار پىلان ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كەتكەچكە، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز زىيارەتكە چىقىش ۋاختىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدۇق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر