- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىشنى باھالاش دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى
2019.01.21 13:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17 – كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىشنى باھالاش دوكلاتىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ 2010 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى يېڭىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
دوكلاتتا: ھازىرقى قۇرۇقلۇقتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىىڭ دەرجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىش، شۇنىڭدەك قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق قەتئەلەر ئارا ئۇچۇدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئېھتىماللىقى ؛ لازېر نۇرلۇق قۇراللار سەپلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، 35- F تىپلىق ئۇرۇش ئايرۇپلانىنىڭ ئىز قوغلاش ۋە تۇرتكىلىك باسقۇچىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ۋەيران قىلىش تېخنىكىسى ؛ ئالەم بوشلۇقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆزىتىش ۋە توسۇش ئۇسكۇنىسىنى قوللىنىشنى باھالاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىنادا دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىر شەھىرىنى قوغدىيالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تېرشىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە « ئالەم ئارمىيەسى»نى قۇرۇش نىشاننى تىلغا ئالدى، ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەربىي خىراجەت مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلىرگە بېسىم قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر