باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە كورېيەنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرىتىپ ئېتىراز بىلدۈردى

2019.01.21 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كورېيەنىڭ ھەربىي پاراخوتتىكى ئوت رادار ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانىنى نىشانلىقى توغرىسىدا خاتا ئۇچۇر چىقاردى، دەپ قاراپ، كورېيەنىڭ ياپونىيەدە تۈرۈشلۇق ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرىتىپ ئېتىراز بىلدۈردى. كورېيەمۇ بوش كەلمىدى، ئىلگىرى ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر «تەھدىت خاراكتېرلىك پەس ئۇچۇش» ھەرىكىتىنى قىلغان بولسا، قانغا قان، جانغا جان ئالىمىز، دېگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئوت رادارى ئارقىلىق نىشانلاش ئىشىغا بىر ئايغا يېقىن بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى داۋاملىق قاتتىق بولدى، بۇ ياپونىيە بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتى يەنىمۇ يامانلىشىىپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلدى.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كورېيەنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارىنى چاقىرىتىپ، كورېيەنىڭ ياپونىيەنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي، 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ گېنېرال دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك خاتا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ سۆزى بويىچە، شۈ كۈنى سىنگاپوردا سۆھبەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، كورېيە ياپونىيەنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا سۆھبەت مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەن. كورېيە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياپونىيە سۆھبەتتە قىسمەن سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يەنى كورېيە پاراخوت خادىملىرى تەھدىد ھېس قىلىدىغان ئۇچۇش ھەرىكىتىنى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، دېدى.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى مۇنداق دېدى: دېڭىز قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئايروپىلانى تەھدىد سېلىش شەكلىدە ئۇچمىدى، ياپونىيە كېڭىشىشتە بۇنى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلمىدى، كورېيەنىڭ قارىشى روشەن ھالدا پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس.

  ياپونىيە بىلەن كورېيە 1-ئاينىڭ 14-كۈنى گېنېرال دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە تالاش-تارتىشنى پەسەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق كېڭىشىشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى، ئەمما كېلەر قېتىملىق كېڭشىش كۈنتەرتىپى بېكىتىلمىدى. ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى يىغىن ئېچىپ، كېيىنكى تەدبىرلەرنى كېڭەشتى.

  سابىق مۇداپىئە ۋەزىرى يىغىندا: ياپونىيە رادار بىلەن نىشانلاش ئىشىدا «ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزمىدى» دېدى. يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن پارلامنت ئەزالىرى ياپونىيەدىن كورېيە ھەربىي پاراخوتىدىكى رادار نىشانلىغان چاغدا توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاپ، بۇنى «يېڭى ئىسپات» قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كورېيە ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ ئەربابى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: كورېيە 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كېڭىشىشتە ياپونىيەگە «ئەگەر ياپونىيە تەھدىت خاراكتېرلىك پەس ئۇچۇش ھەرىكىتى قىلغان بولسا، كورېيە بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ، بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېگەن.

  ئوت رادار بىلەن نىشانلاش دولقۇنى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان، كورېيەنىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى شۇ چاغدا ياپونىيە دېڭىزىدا چاۋشيەننىڭ بىر پاراخوتىنى قۇتقۇزغان، كورېيە ياپونىيە رازۋېتكا ئايروپىلانى ھەربىي پاراخوتقا يېقىن جايدا «تەھدىت خاراكتېرلىك پەس ئۇچتى»، دەپ قارىغان، ئىلگىرى ئوت رادار ئىشلەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.

  كورېيەنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كورېيە 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيەگە ئاتالمىش كورېيەنىڭ ئوت رادارى نىشانلىغان رادار چاستوتىسى ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش تەكلىپىنى بەرگەن. بىز ياپونىيە ئېيتقان ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا توپلىغان كونكىرىت رادار چاستوتىسى سانلىق مەلۇماتى، ئالايلۇق ئوت رادار نىشانلىغان ۋاقىت، ئورۇن، نۇقتا بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدۇق.

  بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: كورېيە كېڭىشىشتە ياپونىيەنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئۆزئارا سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. بىراق كورېيەنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۆزئارا ئىسپات تەكشۈرۈش تەلىپىگە كونكىرېت جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

  ياپونىيە كورېيە مۇناسىۋىتىنى پىششىق بىلىدىغان بىر كورېيەلىك مۇتەخەسسس كيودۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: بۇ تالاش-تارتىشنى ئەسلىدە ئىككى تەرەپ ۋەقە قاتلمىدىن پاكىتنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ھەل قىلسا بولاتتى، بىراق «ئەمگەك دەۋا ئىشلىرى كەسكىنلىشىپ كەتتى».

  كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى يېڭى يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاقىلانە ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، دەپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش خاھىشىنى بىلدۈردى. مەجبۇرىي ئەمگەكچى ئېلىشتىن باشقا، كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەسىلدىكى ياپونىيە ئارمىيەسنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلسىىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سوراش، تۆلەش بېرىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشتا ئوخشاشلا ئىختىلاپى ئېغىر. ئۇ كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ 2015-يىلى بۇ قارالما توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، كورېيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇرۇش ۋاقتىدا ئاياللار ئۇچرىغان جىنسىي زوراۋانلىقنى باش تېما قىلىپ خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېدى.

  ئۇ كورېيە ھەربىي پاراخوتىدىكى ئوت رادارنىڭ ياپونىيەنىڭ رازۋېتكا ئايروپىلانىنى نىشانلىغانلىقى ئىشىنى تىلغا ئالمىدى.

  كورېيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان سابىق گېنېرال لېيتېنانتى ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، ئىنكاسىنىڭ زىيادە بولۇشى شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ ئامانلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسىگە زىيانلىق، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر