باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2019-يىلى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈۋالايلى

2019.01.21 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادىي قانداق بولىدۇ؟ مەيلى خەلقئارا ئاپپاراتلار بولسۇن ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بولسۇن، كۆپىنچىسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى داۋاملىق ئاستىلايدۇ، دەپ قارىدى.

  دۇنيا سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاجىز بولۇشى، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى» ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئېنىقسىزلىق قاتارلىقلار دۇنيا ئىقتىسادىنى قاپلاپ تۇرغان تۈتەككە ئايلاندى. ئەمما ياخشى خەۋەر شۇكى، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئوقۇمۇشلۇق ئەرباپلار ھەر قايسى دۆلەتلەر بىردەك ماسىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈۋېلىشى كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى مۆلچەرگە قارىغاندا، دۇنيا بانكىسى 2019-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى مۆلچەردىكى %3 تىن %2.9 كە تۆۋەنلەتكەن، بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى يىل ئاستا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دۇنيا بانكىسى: دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان خېيىم-خەتەر كۈچىيىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  تەھلىلدە: بۇ قېتىم ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى ئاساسلىقى باي دۆلەتلەرگە مەركەشلەشتى، دەپ ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىلدى. بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: باجنى كېمەيتىش تەدبىرى ئېلىپ كەلگەن قىسقا مۇددەتلىك غىدىقلاشتىن كېيىن، ئامېرىكا ئىقتىسادى تۆۋەنلەش دەۋرىيلىكىگە كىردى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2021-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئازىيىدىكەن. گېرمانىيە يېقىندا ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2018-يىلى گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيە ئىستاتىستىكا ۋە ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ يېقىندىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2019-يىلى فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى داۋاملىق ئاستىلايدىكەن.

  گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا ھېسابلىنىشىچە، 2019-يىلى گۈللەنمە بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن مەھرۇم قالىدىكەن، تۆۋەنلەش خېيىم-خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدىكەن، جۈملىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان پۇل-مۇئامىلە بازىرى پائالىيىتى ۋە سودا تالاش-تارتىشىنىڭ دەرىجىسى كۈچىيىپ، گۈللەنمە بازارلارنىڭ قەرز ئاجىزلىقى ئاشىدىكەن.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا: لاتىن ئامېرىكىسى، پېرۇ، مېكسىكا ۋە چىلىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى زور دەرىجىدە ئاستىلايدۇ، ئارگېنتىنا ۋە ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۇق، دېيىلدى.

  دۇنيا بانكىسى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاستىلىشى، سودا جىددىيلىكىنىڭ ئېغىرلىشىشى شۇنىڭدەك چوڭ تىپتىكى گۈللەنمە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بەرداشلىق بېرىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە بازىرى بېسىمى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارىدى.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭ: سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىككى ماتورىنىڭ ئاجىز بولىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقى تەدبىرىنى قوللىنىشى، دېدى.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنيا سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2017-يىلىدىكى %5.4 تىن 2018-يىلى %3.8 كە تۆۋەنلىگەن، 2019-يىلى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆزلىمىسى يەنىمۇ ئاستىلايدىكەن. مورگان شىركىتىدىن كارېن ۋارد: گۈللەنمە بازارلار مۇشۇ سەۋەبلىك قوش زەربىگە ئۇچرايدۇ، ياۋروپامۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئىككى تەرەپتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، دېدى.

  دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاللىبۇرۇنلا زىچ بىرلەشكەن. خېيىم-خەتەر ئالدىدا ھېچكىممۇ بىپەرۋالىق قىلالمايدۇ.

  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا، پۇل پاخاللىقى يەنىلا مۆتىدىل بولىۋاتقان، بازارنىڭ داۋالغۇشى ئېغىرلىشىۋاتقان ھەمدە ئۆسۈم نىسبىتى نېيترال رايوندا تۇرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى بۇ يىل قىسىش سىياسىتىنى بالدۇرراق ۋاقتىنچە توختىتىشى ھەتتا ئاياغلاشتۇرۇشى مۇمكىن. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى ئايخان كوسې مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى ئاستىلاتسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەپ تۇرغان بەزى سودا تالاش-تارتىشلىرى ھەل قىلىنسا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

  ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى»نىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرماقتا. بلومبىرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تاشقى مۇھىت پايدىسىز بولىۋاتقان ئەھۋالدا، گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى جەھەتتە تۈرتكە بولۇشقا تايىنىشى زۆرۈر. گېرمانىيەنىڭ ئىقىساد ساھەسىدىكىلەر ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەرتىپسىز ئايرىلىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتكە قارىتىلغان تەييارلىقىنى چىڭىتىۋاتىدۇ.

  بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئاستىدا كۆپ تەرەپلىك ئىقتىساد سىياسىتى ھەققىدىكى كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، بۇ گۇرۇھنى ئىقتىساد سىياسىتىنى ماشلاشتۇرۇش رولىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان ئېنىقسىزلىق خەيىم-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازغىلى بولىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭ: گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆز قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپلا قالماستىن، يەنە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  خۇددى دۇنيا بانكىسى ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ لېدىرى بورگې برېندې ئېيتقاندەك، دۇنيا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج. ھەر قايسى دۆلەتلەر بىردەك ماسلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈۋېلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر