باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى يىل باشلانغاندىن كېيىن، غەرب دۇنياسى بىرئاز تەشۋىشكە تولدى

2019.01.21 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەنتۈرۈلۈپ ماڭغىنىچە 2019-يىلىغا كىرىپ كەلدى. كىشىلەرنىڭ دۇنيانى يېڭىلاشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى يەنىلا قەلبىدە ئۆركەشلىمەكتە. ھالبۇكى، بۇ بىر يىلنىڭ باشلىنىشى بارلىق كىشىلەرنى بىرئاز تەشۋىشكە سالدى.

  بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئۆزى باشچىلىق قىلغان چوڭ ئويۇندا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالماقتا. كىشىلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن ئىشتىن توختىتىشىغا ھەيران قالمايدىغان بولدى. بىراق، بۇ قېتىم يارىتىلغان ۋاقىت رېكورتى ھەم قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىقىرىشى بارغانسېرى كۆپ دىققەتنى قوزغاشقا باشلىدى.

  ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ئاۋام پالاتاسىنى قولىغا ئالغان دېموكراتلار پارتىيەسى يەڭنى شىمايلاپ تەق بولۇپ، ئۆز نىشانىنى قارىغا ئالدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنى بىۋاسىتە نىشانلىغان زۇڭتۇڭ تىرامپ دائىم ئېسىدىن چىقارمايدىغان پاسىل تامنى پۈتتۈرۈپ، ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ كويىدا بولدى. بۇ خىل كۈچ سىنىشىشتا، كىم ئالدى بىلەن ئۇتۇپ چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلماق تەس.

  ئىلگىرىكى «قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە» قاتتىق باش ئاغرىقىدا قالدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماينىڭ ھارغىن قىياپەتتە ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقان سۈرىتى ئەنگلىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلىرى ۋە چوڭ-كىچىك كوچىلاردىكى گېزىت يايمىلىرىغا توشۇپ كەتتى. تېرىسسا ماي ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بىلەن ھاسىل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى پارلامېنتتا ئىنكار قىلىندى. ئارقىدىن، تېرىسسا ماي يەنە ئىشەنمەسلىك تەكلىپىگە دۇچ كەلدى. گەرچە ئۇ ئۆتكەلدىن تەستە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەيلى ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى بولسۇن، مەيلى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىستىقبالى بولسۇن، ھەممىسى غۇۋا ھالەتتە تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت غايەت زور دو تىكىشتە، تېرىسسا ماينىڭ تىككىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەقدىرى بولسا، ئەنگلىيە ئاممىسىنىڭ تىككىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان باش ۋەزىر قىيىن پەيتنى كۈتۈۋالدى، ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ پارچىلىنىش ھالىتى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. مەيلى مۇساپىرلار مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يادرولۇق چوڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى بولسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىل ئۈستىدە تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۆزىنى قوللاش نىسبىتى ۋە تەسىر كۈچى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ 2019-يىلىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزەلمەسلىكىگە بىر چوڭ سوئال بەلگىسى قويۇپ قويۇلدى. فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىقلار يەنىلا كوچىلاردا نامايىش قىلماقتا، ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان بىر مەيدان مەملىكەتلىك مۇنازىرە باشلاندى. مۇنازىرىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى فىرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش.

  2019-يىلىغا كىرگەندە، دۇنيا يەنىلا بىر ئېنىقسىز دەۋردە تۇرماقتا. ھازىر ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە لىق تولغان ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ نۇرغۇنى بۆلۈنۈش ياكى نارودنىكلىق، تېپىش ئەڭ قىيىن بولغىنى ئورتاق تونۇش.

  بۇ خىل مىساللارنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» ھەققىدە كېلىشەلمىدى، ئامېرىكا يېقىندا ئەگەر رۇسىيە ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»غا ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمىسە، ئامېرىكا 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ دېدى. ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ئىشىمۇ ئېسىپ قويۇلدى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى تەرەپتە يەنىلا زور ئىختىلاپ بار، ئەگەر ياپونىيە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسا، تىنچلىق سۆھبىتىدە ھەر قانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش ناھايىتى تەس دېدى.

  ھەتتا غەربنىڭ بۇرۇنقى يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەنە شاد-خۇراملىق ئىچىدە بىللە تۇرۇشىمۇ تەسكە توختىدى. ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 2018-يىلى كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش تەكلىپىنى ئاستىرتتىن بەرگەن ئىدى دەپ ئاشكارىلىدى. بۇ يىل، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 70 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. لېكىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى بولغانلىقتىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئامالسىز باشلىقلار يىغىنىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىن ئورنىنى ۋاشىنگتوندىن باشقا جايغا بېكىتمەكچى بولدى.

  2019-يىلى ھەممە ئىش چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ دەۋردە، بىردىنبىر ئېنىق بولغىنى دەل شۇ ئېنىقسىزلىق. بىراق، يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى پاندورانىڭ سېھىرلىك قۇتىسى بېشارەت بەرگەندەك، دۇنيا نۇرغۇن ئەندىشلەرگە تولغان، ئەمما كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھەمىشە قىممەتلىك ئۈمىد ساقلىنىپ كەلگەن بولىدۇ.

  بۇ دەۋردە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى ئاۋۋالقىدەكلا كۈچلۈك. بۇ كۆك رەڭلىك يەر شارىدا بىللە ياشاۋاتقان كىشىلەر «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئۆز ئىچىگە ئالغان پاراسەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە. دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە تولغان بىر يېڭى دەۋرگە كىرمەكتە، ھەر بىر ئادەم مەنپەئەتكە ئالاقىدار تەرەپ. پەقەت ئۆز ئارا قول تۇتۇشقاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ تېخىمۇ پارلاق كېلەچەكنى ياراتقىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر