باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېتنام 2-قىتىملىق چاۋشيەن ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرۇشىشنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى

2019.01.21 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىككى نەپەر ئەربابى مۇشۇ ئاينىڭ 17 -كۈنى مۇنداق دېدى: ۋېتنام، ۋېتنام-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىملىق چاۋشيەن - ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۇمىد قىلىدۇ .

  ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەرباپ رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىر مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئون 2-ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ۋېتنامدا رەسمى زىيارەتتە بولۇشنى بىكىتتى. يەنە بىر خەۋەردار ئەرباپ رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا كىم جۇڭئوننىڭ ۋېتنامدا زىيارتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىسپاتلىدى، بىراق زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى تىلغا ئالمىدى.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ۋېتنام ئامېرىكا ۋە چاۋشيەن بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە، پايتەخت خانوي بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلىدىكى ساياھەت شەھىرى داناڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئورۇنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  داناڭ شەھىرى پورتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: داناڭ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالدى، زىيارەتكە كېلىدىغان يۇقرى دەرىجىلىك كىشلەرنى كۈتىۋىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر