باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئىنگىلىز بۇغۇزىدىن كېسىپ ئۆتكۈشىگە تاقابىل تۇردى

2019.01.21 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ رېزىنكە قولۋاق بىلەن ئىنگىلىز بوغۇزىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ئەھۋاللىرى كۆپەيگەن.

  خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش شايكىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 1-ئايدىن بۇيان شىمالدىكى ساھىلنى رازۋىدكا قىلىش ھەمدە تىك ئۇچارلار بىلەن ئاختۇرۇشقا ماسلىشىشقا خادىملارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى.

  فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، دائىرىلەر 2018-يىلى قولۋاق بىلەن ئىنگىلىز بوغۇزىدىن 71 قېتىم ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان، 2017-يىلى بولسا ئاران 12 قېتىم ئۆتكەن. بۇلتۇر 11-ئاي ۋە 12-ئايدىلا دائىرىلەر 57 قېتىم چېگرىدىن مۇشۇنداق ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ئەھۋاللىرىنى بايقىغان. 2018-يىلى جەمئىي 40 قېتىم ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ئوڭۇشلۇق بولغان، تەخمىنەن 504 قانۇنسىز كۆچمەن فىرانسىيەنىڭ شىمالى ئارقىلىق ئەنگلىيەگە بارغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، ئافرىقا، ئافغانىستاندىن كەلگەن زور كۆپ قىسىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر كۆكتات ياكى باشقا ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان يۈك پاراخوتى ياكى قارا ماشىنىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى گاللاي، دۇنكىرىك قاتارلىق پورتلار ياكى ئىنگىلىز دېڭىز بوغۇزى تونىلى ئارقىلىق ئەنگلىيەگە بارغان. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلدا «ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش كاتتىباشلىرى»غا يۇقىرى سوممىلىق پۇل تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئىراندىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئادەتتە كېمە سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ.

  ئەخمەد 37 ياشتا بولۇپ، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئاۋاشتىن كەلگەن، ئۇ ئائىلىسىدىكەر بىلەن گاللاينىڭ يېقىن ئەتراپىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان. ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: ناۋادا پۇلۇم يەتسە قولۋاق بىلەن ئىنگىلىز بوغۇزىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈم بار دەيدۇ.

  ئىككى ئاي بۇرۇن، ئەھمەد ئايالى بىلەن سەككىز ياشقا كىرگەن ئوغلى، ئىككى ياشقا كىرگەن قىزىنى ئېلىپ بىر قولۋاق بىلەن كېچىدىن پايدىلىنىپ ئىنگىلىز بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولىدۇ. ئادەم كۆپ چىققانلىقتىن قولۋاق ناھايىتى تېزلا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى سۇغا چۈشۈپ كېتىدۇ. سەككىز كىشى ئارقىدىن بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، قولۋاق بىر سائەتلەردىن كېيىن ئاندىن قىرغاققا قايتىپ كېلىدۇ.

  ئاۋىئاتسىيە ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل فىرانسىيەنىڭ ساقچى ئەمەلدارى فىرانكو تۇروۋ مۇنداق دېدى: ئىرانلىقلار چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش گۇرۇھىغا پۇل بېرىشنى خالىمايدۇ، بۇ گۇرۇھنى ئادەتتە ئىراقتىكى كۇردلار يۈرۈشتۈرىدۇ، ئىرانلىقلار ئۆزەم قولۋاق سېتىۋالىمەن دېگەنگە بەكرەك مايىل.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كىچىك تىپتىكى رېزىنكە قولۋاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن مىڭ ياۋرودىن 4000 ياۋروغىچە كېتىدۇ، بۇ پۇلنى ئادەتتە «كاتتىباش»لارغا بېرىدۇ، يۈك ماشىنىسى ياكى يۈك پاراخوتىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان توختايدۇ. دائىرىلەر ھازىرغىچە ئىرانلىقلار باش بولغان چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش شايكىسىنى بايقىمىدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، چېگرىدىن ئوغۇرۇلۇقچە ئۆتۈتىدىغان قولۋاقلارنىڭ ئىنگىلىز بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 1-ئايدىن بۇيان بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتكەن. كونكىرت تەدبىرلەر شىمالدىكى پورتقا رازۋېدكا خادىملىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىش، تىك ئۇچار ئەۋەتىپ ئاختۇرۇش، يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىرگۈزۈپ چارلاشقا ماسلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشنىڭ كۆيۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە بىلەن ئەگلىيە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش پىلانىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.

  ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە بۇلتۇر 11-ئايدا بىرلەشمە ئۇچۇر ۋە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ مەركەزگە ئورۇنلاشتۇردى، گاللاي، دۇنكىرىك پورتى ھەمدە ئىنگىلىز دېڭىز بوغۇزى تونېلى ۋە تونېلدىن ئۆتىدىغان «ياۋروپا يۇلتۇزى» پويىزىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى.

  فىرانسىيە گاللاي ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىلىرى: مۆلچەرىمىزچە يەرلىكتە تەخمىنەن 200 ئىرانلىق قولۋاق بىلەن چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە بېرىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا دېدى.

  گاللايدىكى بىر ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى مايا كونفورتى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇيان بىز ئىرانلىقلارنى ئۇچرىتىپ كەلدۇق، ئۇلار بۇندىن بۇرۇن پەيدا بولمىغان، ئۇلار قولۋاققا ئولتۇرۇپ ئىنگىلىز بوغۇزىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدۇ. ئۇلار بولسا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش تەييارلىقى بار بىردىن بىر كىشىلەر، بۇ بەكلىم جازالاش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.

  كونفورتى بۇ يەردە جازا ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتتى. ھازىر ئىراننىڭ ئىقتىسادى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر