باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەننىڭ تىنىچلىق يولى ئانچە تەكشى بولمىدى

2019.01.21 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى ھۇدەيدادا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ بىراق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا يەنىلا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەمەننىڭ تىنىچلىق يولى ئانچە تەكشى بولمىدى.

  ئىئوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى گرىففىتنىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىئوردانىيەدە ئۆتكۈزۈش تەلىبىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەندىكى توقۇنۇشۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبىتىدە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، گەرچە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتمۇ - قات توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى.

  گرىففىت يېقىندا يەمەننىڭ پايتەختى ساناغا يېتىپ بېرىپ، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بۇندىن ئىلگىرى ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن كېڭىشتى. گرىففىت قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇل مالىك قۇسەي بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۇدەيداھنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھەمدە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا شۋېتسىيەدە ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا كېڭىشتى. يېقىندىن بېرى، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى بىر - بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەشتى. يەمەن ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15 -كۈنى قوسەي قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار بىر تېررورچى شايكىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، بۇ شايكىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ھۇجۇم قىلشىنى پىلانلىشىشغا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 5 - كۈنى، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ھۇدەيداھ شەھىرىنىڭ جەنۇبىيدا كەسكىن توقۇنۇشقان ئىدى.

  ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەمەن تىنچلىق سۆھبىتى شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكگولمدا ئاخىرلاشتى. يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى ئۇرۇش توختىتىش، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ھۇدەيداھنى كونترول قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. گەرچە بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گرىففىت، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەننىڭ پايتەختى سانا ئايرودرومىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىش، قىزىل دېڭىزدىكى شەھەر ھۇدەيداھدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە يەمەن مەركىزى بانكىسىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئۈچ قارالمىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۇمىد قىلدى. بۇ ئۈچ مەسىلە ئەمەلىيەتتە، يەمەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، سانا ئايرودرومى ھاۋادىكى جان تومۇرى، ھۇدەيداھ پورتى دېڭىزدىكى جان تومۇرى، مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلىنىڭ جان تومۇرى. لىكىن نۆۋەتتە، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھىسى يەنىلا تېپىلمىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: گەرچە ئىككى تەرەپ سەمىمىيتىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارلىشىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن يەمەن كىرزىسىنى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش قېيىنغا توختىغانلىقتىن، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىستىقبالىغا يەنىلا كۆلەڭگۇ پەيدا قىلماقتا.

  يەمەننىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى ئابباس دالىييا مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يەمەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپلەر ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەمىمىيىتى يوق. سانا داشوسىنىڭ سىياسىي جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى ئەل سالاھى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يەمەننىڭ تىنچلىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە ۋەزىپە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر يول يېرق، قۇسەي قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇستىگە كېلىشىپ بولغان شەرتلەرمۇ ۋاقىتىنچە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

  كۈچىيىۋاتقان ئۇرۇش ئوتىدىن باشقا، ئىقتىسادىي كاساتچىلىق، جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر يەمەننى يەنىلا قىيناپ كەلمەكتە. مىسىر قاھىرە داشوسىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى نوھان شىيىخ مۇنداق دېدى : ھەر قايسى تەرەپلەر مەنپەئىتىنىڭ ئەڭ تۈپ ئېھتىياجىغا ئېتىبار بەرگەندىلا، تىنچلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولمىغاندا، چەكسىز ئۇرۇش ئوتى ۋە ئىس – تۈتەكلەر يەنىلا داۋاملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر