باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەي جۈەن:جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭىدىن زور بەلگە خاراكتىرلىق تۈرلەر بېكىتىلىدۇ

2019.01.21 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو بىلەن فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىق خاتىرە كۈنى. جۇڭگونىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەي جۈەن مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژدا تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۈرسەت بىلىپ، فرانسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقى، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭىدىن زور بەلگە خاراكتىرلىق تۈرلەرنى بېكىتىدۇ.

  جەي جۈەن مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فرانسىيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك شىرىكلىك مۇناسىۋەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى، قويۇق ئۇزۇن مەزگىللىك ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋىرىگىچە باشتىن ئاخىر جۇڭگو بىلەن غەرپ ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فرانسىيە مۇناسىۋىتىدىكى جەلىپكارلىق ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ.

  1.سىياسىي جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن فرانسىيە بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرىقلەرنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ يادروۇق مەنپەئىتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى چۈشىنىپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن غەرپ ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  2.ئىقتىساد سودا جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى.

  3.مەدەنىيەت جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن فرانسىيەدىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى ئۇزۇن مەزگىل بىر بىرىنى جەلىپ قىلدى ۋە بىر بىرىدىن زوقلاندى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى گەۋدىلىك تۈرگە ئايلاندى.

  جەي جۈەن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى خىلمۇ خىل ئۆزگىرىش ئارقا كۆرىنىشىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشى تېخىمۇ قويۇق بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، دوستلۇق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  جەي جۈەننىڭ تونۇشتۇرىشىغا قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىقىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تايىنىپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ كونكىرت تۈر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. ھازىر ئالاقىدار خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلىرى ئالاقىسى ناھايىتى جانلانغان؛ دوست ئۆلكە، رايون، شەھەرلەر 100 جۇپتىن ئاشقان. 2018-يىلى جۇڭگودىن فرانسىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر 2 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلغان. فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار 2020- يىلى 50 مىڭغا يېتىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن؛ شۇ ۋاقىتتا فرانسىيە بىرىنچى چوڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان فرانسىيەلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ 10 مىڭدىن ئاشقان؛ 100 مىڭ كۆپرەك فرانسىيەلىك ئوقۇغۇچى خەنزۇ تىلى ئۆگەنمەكتە ئىكەن. جۇڭگو بىلەن فرانسىيە دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارلىرى بار، بۇ كىشىنى خوشال قىلىدۇ.

  جەي جۈەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا ئىش مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چىڭ تۇتۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن فرانسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  1.سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش مۇستەھكەملىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش كۈچەيتىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇرى قاتلام ئالاقىسى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ؛ يەر شارى خاراكتىرلىق مەسىلىلەردە مەيدانى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، نۆۋەتتىكى يەر شارىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  2.ئىقتىساد سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرىلىدۇ. 6-قېتىملىق جۇڭگو فرانسىيە ئىقتىساد مالىيە پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىش مۇۋەپپەقىيىتى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن زور بەلگە خاراكتىرلىق تۈرلەر بىكىتىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى باغلاش كۈچەيتىلىپ؛ يېزا ئىگىلىكى، ئېنىرگىيە، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلار، ئاقىللار ئامبىرى، ئەل ئىچى قاتارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلۈپ؛ جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ بىر بەلباغ بىر يولنى بىرلىكتە قۇرىشىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋرۇپانىڭ بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  3.ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن فرانسىيە پەن تېخنىكا ئالايلۇق- ئاساسىي پەن، مۇھىت ئىلمى، دېڭىز ئوكيان ئېلمى، مائارىپ ياشلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ؛ مەدەنىيەت سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيىتى، داۋالاش سەھىيە ۋە يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش، تەنتەربىيەدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت ھەمكارلىقى، قار مۇز ئىگىلىكى قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنىڭ غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى قېزىلىدۇ.

  2019-يىلى يەنە فرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى. جەي جۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ھەرىكىتىمۇ جۇڭگو بىلەن فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم سەھىپىسى. بۇ تارىخنى مەنبە قىلىپ فرانسىيەدىكى ئىلىم پەن، پەلەسەپە، مەدەنىيەت، سەنئەت تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جۇڭگوغا تارقىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆز ئارا زوقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ شۇڭا بۇ تارىخنى خاتىرىلەش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنى داۋاملىق ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قويۇق ئەبەدى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىشىمىزگە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  جەي جۈەن مۇنداق دېدى: فرانسىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى چوڭ دۆلەت. جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى پۈرسەت بىلىپ، فرانسىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىشى، جۇڭگو ياۋرۇپا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر