- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە زۇڭلىسى: يەرشارىدا ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۈچىيىدۇ
2019.01.17 16:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭلىسى مىدۋىدىۋ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى موسۋادا گەيدار مۇنبىرىگە قاتناشقاندا: يەرشارىدا ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۈچىيىدۇ دېدى.
تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنى مىدۋىدىۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋېرىدە مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان تايىنىش دەرىجىسىنى مەقسەتلىك تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ، بۇ يۈزلىنىش كەلگۈسىدە كۈچىيىدۇ. ئۇ شۇنىك بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دوللىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق زاپاس پۇل، ھالبۇكى ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان ئىنشەنچىسىنى بۇزىۋاتىدۇ ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قوزغىتىۋاتىدۇ.
گەيدار مۇنبىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ «داۋۇس مۇنبىرى»دېگەن نامى بار بولۇپ، 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىللىق مۇنبەر 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر