باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەنىڭ «2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دا بۇندىن بۇرۇنقى چاۋشيەننى «دۈشمەن» دەپ شەرھلىگەن بايانلار چىقىرىۋېتىلدى

2019.01.17 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا بۇندىن بۇرۇنقى چاۋشيەننى «دۈشمەن» دەپ شەرھلىگەن بايانلار چىقىرىۋېتىلدى، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاۋشيەنگە قارىتىلغان قىسمەن ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرگىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابقا مۇنداق دەپ يېزىلدى: كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەربىي تىرىكىشىش بىلەن يارىشىش ھەمكارلىقى ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملاشتى، بىراق كورىيە بىلەن چاۋشيەن، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى 2018-يىلى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق مىخانىزىمى بەرپا قىلىشقا يېڭى بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەربىي تارماقلىرى كېلىشىم ئىمزالىشى ۋە «پانمۇنجۇم خىتابنامىسى»دىكى ھەربىي ساھەدىكى كېلىشىمنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى- جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ھەربىي جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىگە ئاساس سېلىپ بەردى.

  كورېيە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىدۇ، «2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا چاۋشيەن كورىيەنىڭ «بىخەتەرلىككە بولغان ئەڭ چوڭ تەھدىت، پەقەت مۇشۇ تەھدىت مەۋجۇتلا بولۇدىكەن، چاۋشيەن ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دەپ يېزىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر