باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ئاۋاز بېرىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ئىنكار قىلدى

2019.01.17 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى تۈنۈگۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ئاۋاز بېرىپ ئىنكار قىلدى.

  بەش كۈنلۈك مۇنازىرىدىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى تۈنۈگۈن 432 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 202 ئاۋازنىڭ قوللىشىدەك نەتىجە بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ئىنكار قىلدى.

  پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قارارىغا ئاساسەن، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇرۇن يېڭى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ھەمدە يەنە بىر قېتىم پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

  ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېرىسا ماي پارلامېنتتا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا ئەنگلىيەگە تېخىمۇ كۆپ «ئېنىقسىزلىق ۋە ئازاب» ئېلىپ كېلىدۇ.

  تېرىسا ماي بۇندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇپ: ناۋادا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى ئىنكار قىلىنسا، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلماسلىق» مۇمكىنچىلىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش» مۇمكىنچىلىكىدىن چوڭ بولىدۇ، بۇ خەلقنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسىگە «ئاپەت خاراكتىرلىك زىيان»ئېلىپ كېلىدۇ دېگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر