باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى: جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى گەۋدىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى

2019.01.17 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى ئوكسفورد ئىقتىسادىي تەتقىقات يۇرتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تەھلىل دوكىلاتى ئېلان قىلىپ: جۇڭگو يەنىلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى، بۇ يۈزلىنىش كەلگۈسى كۆپ يىل ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: 2001-يىلى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادى يۈكسەك يۇغىرىلىدى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن جۇڭگو سودىسىنىڭ تايىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. جۇڭگو نۇرغۇن ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكىسپورت دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئەڭ مۇھىم ئىمپورت مەنبەسى.بۇنىڭدىن باشقا، چىلى، برازىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، رۇسىيە قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ئالاقىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. دوكىلاتتا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ سودىسىغا بولغان تايىنىشچانلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەتتا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي گەۋدىسىدىنمۇ يۇقىرى بولدى، دېيىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر